دانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى

دانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېن باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

897741
دانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى يوقىتىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن تۈركىيە بايرىقىنى لىپىلدەتكەن ھالدا تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قەلگەن تۈركلەر، يېقىندىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان باش ئەلچىخانا خادىملىرىغا جاسارەت بېغىشلىدى.

تۈركىيەنىڭ «ئىستىقلال مارشى» ئېيتىلغان نامايىشتا، ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى دانىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى فاتىھ ئالەۋ بىرلىكنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى باياننامىسىنى ئوقۇدى.

تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېن باش ئەلچىسى ئۇغۇر كەنان ئىپەك بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، بىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىكىمىزنى پۈتكۈل جاھانغا مانا مۇشۇنداق نامايەن قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇنداق قىلىش، بىزگە راۋا كۆرۈلۈۋاتقان ناھەقچىلىقلارنى، ھەقلىق داۋامىزنى، قانۇنلۇق ھەربىي ھەرىكىتىمىزنى پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش ھەم بىلدۈرۈش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇ يەنە، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تازىلاشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھېچقانداق بىر گۇرۇپپا بىلەن، ھېچقانداق بىر ئېتنىك بىلەن ھېچبىر مەسىلىمىز يوقتۇر.»

نامايىش تۈركلەرنىڭ ئاممىۋى ھالدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشىدىن كېيىن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر