ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

891794
ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزايېۋ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس قازاسىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئۆزبېكىستان پۇقرالىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن ھەمدە قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىگەن، تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ قايغۇ – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى سامارا – چىمكەنت ئوتتۇرىسىدىكى ئاقتۆبە شەھىرىدىن 320 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دۆلەتلىك تاش يولىدا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىپ، 52 ئۆزبېكىستان پۇقراسى قازا قىلغان، 5 يولۇچى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر