نەزەربايېۋ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 16 – يانۋار ئاق سارايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا – قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يانۋارنىڭ باشلىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قازاقىستاننىڭ ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى رولى، قازاقىستان – ئامېرىكا بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
نەزەربايېۋنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئامېرىكىلىق كۆپلىگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.
ئىككى رەھبەر بۇلتۇر نويابىردا تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ترامپ نەزەربايېۋنى ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.