ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئورگانلىرىدا قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى باشلاندى
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋنىڭ دۆلەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئورگانلىرىدا، ئىسلام كەرىموۋ دەۋرىدىن قالغان، تەرسا، ھاكىمى – مۇتلەقلىق خاراكتېرىگە ئىگە مەمۇرلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مالىيە مىنىستىرى جەمشىد قۇچقاروۋ، مىنىستىرلىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان بۆلۈملىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان 50 نەپەر يۈقىرى دەرىجىلىك بىيۇكراتلارنى ئىشتىن قوغلاپ چىقاردى.
بۇ قوغلاپ چىقىرىش ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايىۋنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايىۋ بىر قانچە كۈن ئىلگىرىكى 4 سائەتلىك نۇتۇقى جەريانىدا، مالىيە مىنىستىرى قۇچقاروۋرغا، «ئەتراپىڭدىكى ھەممىنى قوغلاپ چىقار، ئۇلارنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياش ۋە ئۆزبكىستاننى شۇنداقلا ئۆزبېكىستان خەلقىنى سۆيىدىغان كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغىن» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
شۇڭا ئۆزبېكىستان مالىيە مىنىستىرى قۇچقاروۋنىڭمۇ قوغلاپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولغانلىقى تەكىتلەندى.
شەۋكەت مىرزايېۋنىڭ دۆلەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئورگانلىرىدا، ئىسلام كەرىموۋ دەۋرىدىن قالغان، تەرسا، ھاكىمى – مۇتلەقلىق خاراكتېرىگە ئىگە مەمۇرلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بولۇپمۇ 4 سائەتلىك نۇتۇقىدا دۆلەت خەۋپىسزلىك مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار كۆرسەتكەن پوزىتسىيەسى، بۇ جەھەتتە قانچىلىك ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان ئىدى.
داۋاملىق دېگۈدەك «خەلقلەر ھۆكۈمەتكە ئەمەس، ھۆكۈمەتلەر خەلققە خىزمەت قىلىشى لازىم» دېگەن سۆزلىرىنى تەكرارلاپ تۇرىدىغان شەۋكەت مىرزايىېۋ، دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىددىيەۋى ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلماقتا ئىدى.
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىغا مەلۇمات بەرگەن، بىراق كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قانچە نەپەر مالىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى بولسا، ھەممەيلەننىڭ قاتتىق قورۇقۇنچتا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.