قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى تۈنجى چەت ئەل زىيارىتىنى رۇسىيەدىن باشلىدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جېنبېكوۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق تېمىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە يېڭى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى مۆلچەرلەنمكتە.

857351
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى تۈنجى چەت ئەل زىيارىتىنى رۇسىيەدىن باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جېنبېكوۋ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۈنجى چەت ئەل زىيارىتىنى رۇسىيەدىن باشلىدى.

رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى نىشانىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىلدۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سورونباي جېنبېكوۋ موسكۋا زىيارىتى دائىرىسىدە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرىشىدۇ.

ئۇچرىشىشتا ئۆزئارا ھەمكارلىق تېمىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە يېڭى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى مۆلچەرلەنمكتە.

 قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جېنبېكوۋ يەنە، رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

15 - نويابىردا قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان سورونباي جېنبېكوۋ 24 – نويابىردا قەسەم بېرىپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر