ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلدى.

834858
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىرزىيويېۋ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە پارلامېت ئىسمائىل قاھرامان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا مۇنداق دېدى: «بىزنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىدە ئوينىغان رولىنى ھەقىقەتەنمۇ ماختاشقا ئەرزىيدۇ. ئۆزبېكىستان ئالىي پارلامېنتى بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ناھايتى چوڭ پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەييار ھەم ئىرادىسىمۇ قەتئىيدۇر.»

قاھرامان مۇنداق دېدى: «مىرزىيويېۋ زىيارىتى ئارقىلىق مەجلىسىمىزنى شەرەپلەندۈردى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى  ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشمەن. قېرىنداش ھەم دوست ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشى ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىش ھەممىمىزنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ، سىلەر بۇ غەيرەتنىڭ باشلامچىلىرى بولىسىلەر.»

ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى. كېيىنچە قاھرامان بىلەن مىرزىيويېۋ مەجلىسنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىغان يەرلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر