ب د ت باش كاتىپى قىبرىس رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىس بىلەن نىيۇ يوركتا كۆرۈشتى.

746155
ب د ت باش كاتىپى قىبرىس رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇ يوركتىكى باش مەركزىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، رەھبەرلەر قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

گۇتتېررېس، ئۇچرىشىشتا، 12 – يانۋار كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان كونفېرانستا ماقۇللانغان قارارلارغا ئاساسەن قىبرىس كونفېرانسىنىڭ بۇ ئاي قايتىدىن باشلىنىشى توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«بىخەتەرلىك» ۋە «كېپىللىكلەر» تېمىلىرىنىڭ ھەر ئىككى خەلق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن گۇتتېررېس، جەنۋەدە رەھبەرلەرنىڭ  زېمىن، مۈلكىيەت، ھاكىمىيەت ۋە كۈچ قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن ھەل قىلىنىشنى كۈتۈۋاتقان مەسىلىلەرنى پاراللېل ھالدا مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

رەھبەرلەرنىڭ بارلىق مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنماي ۋە بۇ ھەقتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنماي تۇرۇپ، ھېچقانداق بىر مەسىلىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن گۇتتېررېس، تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاقىنجى بىلەن ئاناستاسىئادىس بايانات ئېلان قىلمىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى يىغىن ھارپىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، گۇتتېررېسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قارشى تەرەپنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقان تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.

قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى، شۇڭا شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە يانۋاردا چاقىرىلغان كونفېرانسنىڭ قايتىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈمىدى بىلەن نىيۇ يوركقا كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئاقىنجى، «ئەمدى بىزنىڭ باشقا ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئىرادىگە ئېھتىياجىمىز بار» دېگەنىدى.

ئۇ يەنە، 2014 – يىلى فېۋرالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىرىنسىپلارغا ۋە جەنۋەدە 12 – يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان باياننامىگە ئەمەل قىلىنغان تەقدىردە، يولنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى. ئاناستاسىئادىس بولسا «ئىلمىي بىر دىيالوگ» ئۈچۈن نىيۇ يوركقا كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر