ئىچكى موڭغۇلىيەدە قاتتىق يەر تەۋرىدى

خىتاي دائىرىلىرى ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇش ۋەقىسى كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

745186
ئىچكى موڭغۇلىيەدە قاتتىق يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى موڭغۇلىيەدە 5 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى.

خىتاي يەرتەۋرەش تورلىرى مەركىزى، تەۋرەشنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 18:11 ئۆتكەندە ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاشان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى يەرتەۋرەشنىڭ يەر يۈزىدىن 15 كېلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى، بىراق ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇش ۋەقىسى كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر