ب د ت قىبرىس رەھبەرلىرىنى نىيۇ يوركقا تەكلىپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىسنى نىيۇ يوركقا تەكلىپ قىلدى.

743908
ب د ت قىبرىس رەھبەرلىرىنى نىيۇ يوركقا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقىنجى بىلەن  ئاناستاسىئادىس تەكلىپكە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇپ، 4 – ئىيۇن كۈنى گۇتتېررېس رىياسەتچىلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشقا قاتنىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئاناستاسىئادىسنىڭ جەنۋە باسقۇچىنىڭ داۋامى ئۈچۈن شەرت قوشۇشى سەۋەبىدىن قىبرىس مۇزاكىرىلىرى ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى ئېسپېن باس ئايدمۇ ئۇدا 9 كۈن داۋاملاشقان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، شۇنىڭ بىلەن، مۇرەسسەچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر