ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 99 – يىللىقى تەبرىكلەندى

ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 99 – يىللىقى ئەنقەرەدە بېرىلگەن زىياپەت ئارقىلىق تەبرىكلەندى.

739027
ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 99 – يىللىقى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىدا بېرىلگەن زىياپەتكە چەت ئەل ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيەگە ۋەكالىتەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ، قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەد ئارسلان قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25 – يىللىقىمۇ تەبرىكلەندى.

بۇ دائىرىدە مىنىستىر ئارسلان بىلەن باش ئەلچى فائىگ باغىروۋاغا خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (تۈركسوي) تەرىپىدىن مەدەنىيەت مېدالى تەقدىم قىلىندى. مىنىستىر ئارسلان زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان لايىھەلەرنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «21 – ئەسىر لايىھەسى ھېسابلىنىدىغان 45 مىليارد دوللارلىق جەنۇبىي تەبىئىي  گاز كارىدورى لايىھەسى بولۇپمۇ ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ھەم ئىقتىسادىي مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە باشلاندى، رەھبەرلىرىمىز تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە ئاساسەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ لايىھەلەر ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەر سۈپىتىدە تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورتاق كۈچ بولۇش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا، ئېنېرگىيە ساھەسسىدىن سىرت يەنە، قاتناش ساھەسىدىمۇ بار بولغان ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە لايىھەلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈرنەكلىرىدىن بىرىنى باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى لايىھەسى تەشكىل قىلماقتا، لايىھەنىڭ تاماملىشىنى بىلەن تەڭ، قاتناش ساھەسىدە مۇھىم بىر كارىدورنى بەرپا قىلغان بولىمىز.»

نۇتۇقلاردىن كېيىن مېھمانلارغا «ئەزەربەيجاننىڭ مىللىي كۈنى» تورتى ئېكرام قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر