تۈركىيە چەركەز ۋە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە، چەركەز ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ چەككەن ئازابلىرىنى يۈرەكتىن ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

735068
تۈركىيە چەركەز ۋە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ھۇسەيىن مۇفتۇئوغلۇ «جەركەزلەرنىڭ سۈرگۈن قىلىنىش تىراگېدىيەسىنىڭ ئازابلىرىنى بۈگۈنمۇ ھېس قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ھۇسەيىن مۇفتۇئوغلۇ «ئىرقدىشىمىز بولغان قىرىم تاتارلىرى بىلەن دوست ۋە قېرىنداش كاۋكاز خەلقىنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز. ھەر ئىككى تىرادېگىيە جەريانىدا قۇربان بولغانلارنىڭ خاتىرىسى ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىمىز» دېدى.

ھۇسەيىن مۇفتۇئوغلۇ جەركەز ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلى ھەققىدىكى بىر سوئالغا قايتۇرغان يازما جاۋابىدا، 250 مىڭ قىرىم تاتارلىرىنىڭ بىر كېچىدىلا ئانا ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، مىڭلىغان كېلومېتىر ئۇزاقلىققا سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئىنسانىيەت ۋىجدانىغا خىلاپ ئېغىر شارائىتلار ئاستىدا باشتىن كەچۈرۈلگەن بۇ سۈرگۈن سەپىرىنىڭ ئون مىڭلىغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «100 مىڭدىن ئارتۇق قىرىم تاتارلىرى مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئانا يۈرتلىرىدىن ئازاقتا ياشىماقتا. 18 – ماي كۈنىدە سۈرگۈن تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان قىرىم تاتارلىرىنى ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن ئەسلەيمىز» دېدى.

ھۇسەيىن مۇفتۇئوغلۇ 21 - ماينىڭ بولسا، چەركەزلەر سۈرگۈن قىلىنغان خاتىرە كۈن ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، «كاۋكاز خەلقى 19 – ئەسىردە جار رۇسىيەسى كاۋكازنى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە يۈز مىڭىلغان قۇربانلىقلارنى بەردى. ساق قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈرتلىرىنى تاشلاپ ئانادولۇغا كېلىپ پاناھلاندى. <چەركەز سۈرگۈنى> دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ تىرادېگىيەنىڭ ئازابىنى بىز بۈگۈنمۇ ھېس قىلماقتىمىز. شۇڭا ئىرقدىشىمىز بولغان قىرىم تاتارلىرى بىلەن دوست ۋە قىرىنداش كاۋكاز خەلقىنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا ھازىرمۇ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز. ھەر ئىككى تىرادېگىيە جەريانىدا قۇربان بولغانلارنىڭ خاتىرىسى ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىمىز» دېدى.    

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر