تايلاندتىكى ئىككى ئۇيغۇر گۇماندار ھەققىدە ئەڭ يېڭى خەۋەر ئېلان قىلىندى

تايلاند ئېراۋان بۇتخانىسىدىكى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئارىدىن ئىككى يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە بىر گۇۋاھچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

731325
تايلاندتىكى ئىككى ئۇيغۇر گۇماندار ھەققىدە ئەڭ يېڭى خەۋەر ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (11-ماي) تايلاندنىڭ «khaosodenglish» تور بېتىدە، 2015-يىلى17-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ئېراۋان بۇتخانىسىدىكى پارتلاشقا چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇلۇپ، ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار مىرئەلى يۈسۈپ بىلەن ئادەم قاراداغ ھەققىدە ئەڭ يېڭى خەۋەر ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى گۇماندارنىڭ جىنايىتىگە ئالاقىدار بىرىنچى گۇۋاھچى، ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن ئىككى يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئاندىن ئوتتۇرىغا چىققان. ئىككى گۇماندارنى سوراق قىلىشقا مەسئۇل بولغان لېيتېنانت سومكيات پلويتۇبتىم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئادەم قاراداغ بىلەن يۈسۈپ مىرئەلىنىڭ ئېراۋان بۇتخانىسىدىكى يەتتە خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئادەم ئۆلگەن پارتلاشنى ئېتىراپ قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

باڭكوك ئېراۋان بۇتخانىسىدىكى پارتلاشنىڭ ئىككى گۇماندارى مىرئەلى يۈسۈپ بىلەن ئادەم قاراداغ 2016-يىلى 15-نويابىر، يەنى ۋەقە يۈز بېرىپ توققۇز ئاي ئۆتكەندە تايلاند ھەربىي سوتىدا سوتلانغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتقىچە، ئۇلارنىڭ سوتى ئۈچ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن. چۈنكى ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلغان ئۆزبېك تەرجىمان سىراجىدىن باھادىروف 2016-يىلى ئىيۇن ئېيىنىڭ باشلىرىدا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى گۇماندار تەرجىمانسىز قالغاچقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرجىمان بىلەن تەمىنلەشنى تايلاند ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ قىلغان، بىراق دائىرىلەر تەكلىپنى رەت قىلغان ئىدى.

2016-يىلى 15-نويابىردىكى ھەربىي سوتتا، تايلاندتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن تەرجىمان ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلغان، ئىككى گۇماندار بۇنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، سوتچىلار ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، كېيىنكى قېتىملىق سوت 2017-يىلى 26-ماي ئېچىلىدىغان بولۇپ، لېيتېنانت سومكيات پلويتۇبتىم سوتتا گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر