ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋغا 2397 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى

جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى ئورتا كۆيدىكى رېئانا كۆڭۈل ئېچىش كولۇبىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋ ھەققىدىكى ئەيىبنامىنى تاماملاندى.

728764
ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋغا 2397 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىل بېشى كېچىسى ئىستانبۇل ئورتا كۆيدىكى رېئانا كۆڭۈل ئېچىش كولۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 39 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئۆزبېكىستانلىق تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 51 مەھبۇس بىلەن 57 گۇماندار ھەققىدە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەيىبنامە تاماملاندى.

ئەيىبنامىدە ھۇجۇم قىلغان تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋغا 40 قېتىم ئېغىرلاشتۇرۇلغان ئۆمۈر بويى قاماق جازاسى يەنى، 2397 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر