2-قېتىملىق ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

مەركىزىي ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

725168
2-قېتىملىق ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 6-ماي (شەنبە) كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2-قېتىملىق «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىندا، موللا مۇسا سايرامى (1917-1836) ۋاپاتىنىڭ 100-يىلى، ھۈسەيىنخان تەجەللى (1927-1848) ۋاپاتىنىڭ 90-يىلى، قۇتلۇق شەۋقى (1937-1876) ۋاپاتىنىڭ 80-يىلى ۋە ئابدۇقادىر داموللا (1924-1862) تۇغۇلغانلىقىنىڭ 155-يىللىقى ئىلمىي دوكلاتلار بىلەن خاتىرىلىنىدۇ.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دە فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا باشلىنىدىغان بولۇپ، ياردەمچى دوتسېنت دوكتور مەغپىرەت كامال «قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى» تېمىسىدا؛ ياردەمچى دوتسېنت دوكتور راھىلە قەشقىرى «ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ھايات ھىكايىسى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى» تېمىسىدا؛ ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى «بۈگۈنكى ئوقۇرمەن ۋە تارىخىي ھەمىدى-موللا مۇسا سايرامى» تېمىسىدا؛ تراكيا ئۇنىۋېرستېتى تارىخ پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى ئۆمەرجان جامال «ئابدۇقادىر داموللا ۋە ئىسلاھاتلىرى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات سۇنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇ يىلقى «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 2009-يىلى 5-مايدىن باشلاپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا تەبرىكلىنىشكە باشلىغان «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» غا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى توغرىسىدا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيمى مەدەنىيىتىدە دوپپا» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى 2-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە توختىلىپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە مىللەت سۆيگۈسىنى كۈچەيتىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ھازىر ئۇيغۇرلار ناھايىتى سەزگۈر بىر ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ۋە تارىخىي شەخسىيەتلىرىنى چۈشىنىش ئارقىلىق مەنىۋى ھاياتىمىزنى بېيىتىپ، مىللىي روھىمىزنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى 15-مايدا ئېچىلغان 1-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يەسەۋى، ئەلىشىر نەۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەر خاتىرىلەنگەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇ يىلقى يىغىنىدا خاتىرىلىنىدىغان «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»، ئۈرۈمچىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار، يازغۇچىلار، زىيالىيلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن، بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، 2009-يىلى 5-ماي ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى ۋە سىرتىدا تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

2013-يىلىدىن باشلاپ ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر