تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئورتاق مانېۋىرى باشلاندى
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللار قاتناشتۇرۇلغان ئورتاق ھەربىي مانېۋىرى ئەزەربەيجاندا باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ ئورتاق مانېۋىرى باشلاندى. ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىردا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇلۇپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى تۈركىيە-ئەزەربەيجان مانېۋىرىدا، ھەربىي قىسىملاردىن سىرت، ئېغىر تىپلىق ھەر خىل ھەربىي ئاپتوموبىللار، زەمبىرەك باتارىيەلىرى، ھاۋا زەمبىرەكلىرى، ئايروپىلان، تىك ئۇچار ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى قاتناشتۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، مانېۋىر 5-مايغىچە داۋاملىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.