ل. مۇتەللىپنىڭ نەۋرە تۇغقىنى پىروفېسسور دوكتور سەيفۇللاھ ئابدۇللايىۋ بىلەن سۆھبەت

لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ نەۋرە تۇغقىنى پىروفېسسور دوكتور سەيفۇللاھ ئابدۇللايىۋ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ل. مۇتەللىپ ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش مەسلىسىگە ئالاقىدار ۋىدېئولۇق سۆھبەت.

715621
ل. مۇتەللىپنىڭ نەۋرە تۇغقىنى پىروفېسسور دوكتور سەيفۇللاھ ئابدۇللايىۋ بىلەن سۆھبەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى«TİKA»، تۈرك تىلى تەتقىقات ئىدارىسى «TDK»، خەلقئارا تۈرك كۈلتۈر تەشكىلاتى «TÜRKSOY» ب د ت ئىلىم - پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO»نىڭ تۈركىيە كومىتېتى، ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا غازى ئۇنىۋېرىسىتېتى  تەرىپىدىن مەرھۇم پىروفېسسور دوكتور مەھمەت فۇئاد كۆپرۈلۈنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 2017-يىلى 17-ئاپرىلدىن 18–ئاپرىلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2–نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى لېكسىيە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 

مىمار كامالىددىن يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مەسئۇللارنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقلىرىدىن كېيىن، قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر پىروفېسسور سەيفۇللاھ ئابدۇللايىۋ ئەپەندى «قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئانا تىل سۈپىتىدە ئوقۇتۇلىشىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى» تېمىلىق ئىلمىي دوكلاتىنى سۇنۇپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

مۇخبىرىمىز مەرھۇم ئوت يۈرەك شائىر لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ نەۋرە تۇغقىنى شۇنداقلا قىرغىزىستان ئىسسىق كۆل دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئېتنىك كۈلتۈر تەتقىقات مەكىزىي فىلولوگىيە مۇتەخەسسىسى پىروفېسسور دوكتور سەيفۇللاھ ئابدۇللايىۋ ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ نەۋرە تۇغقىنى پىروفېسسور دوكتور سەيفۇللاھ ئابدۇللايىۋ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن «ل. مۇتەللىپ ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش مەسلىسىگە ئالاقىدار ۋىدېئولۇق سۆھبىتىمىزنى كۆرەلەيسىلەر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر