قاراماي شەھىرىدىمۇ ساقچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت سانائىتى شەھىرى ھېسابلىنىدىغان قاراماي شەھىرىدە، ج خ ئىدارىسىغا ساقچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاراماي شەھىرىدە ج خ ئىدارىسىغا 600 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى. تۈنۈگۈن (12-ئاپرېل) ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قاراماي شەھىرىدە، چارلاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن جەمئىيەتتىن ئاشكارا ھالدا 600 ساقچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قوبۇل قىلىنىدىغانلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى بولۇشى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشمىغان بولۇشى، جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولۇشى، 18 ياشتىن يۇقىرى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇشى كېرەك ئىكەن. قوبۇل قىلىنىشتا، نوپۇس ۋە مىللەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن.
تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 11-ئاپرېلدىن 21-ئاپرېلغىچە بولۇپ، تىزىملاتقانلار ئىمتىھان، سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۆتكەللەردىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بىر ئايدا 4952 سوم (يۈەن) مائاش بېرىلىدىكەن ۋە ھەر خىل پاراۋانلىقلار، ھەمدە تولۇقلىمىلاردىن بەھرىمان قىلىنىدىكەن.
يېقىنقى كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدە ساقچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشلىرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشلاردا مىللەت تەۋەلىكىگە چەكلىمە قويۇلمايدىغانلىقى ئېيتىلسىمۇ، ئەمما باشقا ئۆلكىلەردىن ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەسكەرتمىلەر ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.