ئۇيغۇر ئېلىدە يەتتە كادىرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

شىنخۇا تورىنىڭ 9-فېۋرالدىكى بىر خەۋىرىدە، شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت قاتارلىق يەتتە كادىرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.

670020
ئۇيغۇر ئېلىدە يەتتە كادىرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا تورىنىڭ 9-فېۋرال خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېتىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىر ساتتار ساۋۇت ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىجات ئاۋۇدۇن ۋە سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك رازۋىتچىكى ئىلى ئىمىن، ئۇيغۇر رايونلۇق ج خ نازارىتى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ خوتەن تارماق ئەترىتى باشلىقى ئابدۇقادىر ئابلا، خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە سىياسىي يېتەكچىسى يالقۇن ئابدۇرازاق، قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە سىياسىي يېتەكچىسى ئابابەكرى ئىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىقى تارماق ئەترىتىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك سابىق ساقچىسى مۇختەر تۇرسۇنلار بار ئىكەن.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ۋە يېڭى سېكرېتار چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، «ئىككى گۇرۇھ» ھەمدە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلغانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنگە توغرا كەلگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر