ب د ت ۋەكىلى: ئىككىنچى باسقۇچلۇق قىبرىس مۇزاكىرىلىرى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتى

قىبرىس مەسىلىسىگە ئۈزۈل – كېسىل چارە ئىزدەش مەقسىتىدە شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشتى.

655592
ب د ت ۋەكىلى: ئىككىنچى باسقۇچلۇق قىبرىس مۇزاكىرىلىرى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارالدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىش مەقسىتىدە 12 – يانۋاردا ب د ت  جەنۋە ئىشخانىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا باشلانغان خەلقئارالىق يىغىن، ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن ھامىي دۆلەتلەر تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە قىبرىس رىم تەرىپىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا تۈنۈگۈن قايتىدىن باشلىغانىدى.

ب د ت  باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئېسپېن بارت ئايدې، خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ۋە ھامىي دۆلەتلەرنىڭ ئىككى كۈنلۈك خىزمەتلىرىنى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت گۇرۇپپىلىرى، خەۋپسىزلىك ۋە كاپالەت مەسىلىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىرىنچى قەدەمدە تەرەپلەر مەزكۇر نۇقتىلارغا ئالاقىدار قاراش ۋە قايغۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن، ئىككىنچى قەدەمدە، مەزكۇر ئەندىشە ۋە قايغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قايسى ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشقا بولىدىغانلىقىغا دائىر تەكلىپلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

تۆت ئايرىم بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان ئىككى كۈنلۈك يىغىن نەتىجىسىدە خەۋپسىزلىك ۋە كاپالەتچىلىك تېمىسىنىڭ كارتىنىسى سىزىپ چېقىلىپ ، كېيىنكى باسقۇچنىڭ تېخنىك تەييارلىقلىرى تاماملانغان بولدى.

تەرەپلەرنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا تەرەپلەر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىل قاتناشتۇرىدىغان بىر يىغىن چاقىرىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەنۋە مۇساپىسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى يۇقىرىدىكى بەش دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى بىلەن داۋام قىلىدۇ.

بۇ جەرياندا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستاپا ئاقىنجى بىلەن رىم رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىسنىڭ 26 – يانۋاردا لەفكوشادا ئۇچرىشىپ، بەش تەرەپ يىغىنىنىڭ سىياسىي قىسمىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

بەش تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى باش ئەلچى ئەھمەد مۇختار گۈن رىياسەتچىلىكىدىكى ھەيئەت، قىبرىس تۈرك تەرىپىگە ۋاكالىتەن بولسا، مۇزاكىرىچى ئۆزدىل نامى رىياسەتچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا قاتنىشىدۇ.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى تۇغرۇل تۈركەش، قىبرىس يىغىنى دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن جەنۋەگە بارغانىدى.

قىبرىس سۆھبەتلىرى، «ئىقتىساد، ياۋروپا ئىتتىپاقى، مۈلۈكچىلىك، باشقۇرۇش ۋە كۈچ تەقسىماتى، زېمىن، خەۋپسىزلىك ۋە كاپالەت» قاتارلىق 6 ئاساسىي سۆھبەت ساھەدىن تەشكىل تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر