قىبرىس كونفېرانسى بۈگۈن يەنە قايتا باشلىنىدۇ

بۈگۈن (18-يانۋار) قىبرىس مۇزاكىرەلىرىدە «خەۋپسىزلىك ۋە كاپالەت بەرگۈچىلەر» مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان بەش تەرەپ كونفېرانسى شىۋېيتسارىيەنىڭ مونت پېلېرىن بازىرىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.

653944
قىبرىس كونفېرانسى بۈگۈن يەنە قايتا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 2017-يىلى 9-يانۋاردىن 12-يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلگەن قىبرىس مۇزاكىرىلىرىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بويىچە، كونفېرانس قىبرىستىكى تەرەپلەر ۋە كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا مونت پېلېرىن بازىرىدا داۋاملىشىدۇ. كونفېرانسقا، شىالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن ئۆزدىل نامى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتنىشىدۇ. ئۆزدىل نامى كونفېرانسنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە پىلانلانغان شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى بىلەن ئىزچىل ئالاقىدە بولىدۇ.

تۈركىيە تەرەپتىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ئەھمەت مۇختارگۈن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت كونفېرانسقا قاتنىشىدۇ. ھەيئەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدىكى يىغىندا، خۇلاسە چىقىرىلىدىغان ئاخىرقى قارارنىڭ قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

قىبرىس مۇزاكىرەلىرى 2015-يىلى 15-ماي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) باش كاتىپىنىڭ قىبرىس مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى ئېپېن بارس ئېيدنىڭ مۇرەسسەچىلىكى بىلەن قايتىدىن باشلانغان ئىدى. 2017-يىلى 12-يانۋار قىبرىستىكى تەرەپلەر ۋە ئۈچ كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا باشلانغان كونفېرانس، گىرېتسىيەنىڭ تەييارلىق قىلىۋېلىش تەلىپى بىلەن 18-يانۋار (بۈگۈن) غىچە توختىتىلغان ئىدى.

قىبرىس مۇزاكىرەلىرى ئىقتىساد، ياۋروپا ئىتتىپاقى، مال-مۈلۈك، ھاكىمىيەت-ھوقۇق بۆلۈشۈش، زېمىن تەۋەلىكى، خەۋپسىزلىك ۋە كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتلەر قاتارلىق ئالتە ئاساسىي تېمىدىن تەشكىل تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر