ئوسمانلى خاندانلىقىنىڭ رەئىسى ۋاپات بولدى

ئوسمانلى خاندانلىقىنىڭ رەئىسى ئوسمان بەيازىد ئوسمانئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە 93 يېشىدا  بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

646395
ئوسمانلى خاندانلىقىنىڭ رەئىسى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسمانئوغلۇ سۈرگۈندىكى ئوسمانلى خاندانلىقى جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇتۇلغان تۇنجى ئەۋلادى، سۇلتان ئابدۇلمەجىد خاننىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى ۋە ئوسمانلى خاندانلىقى جەمئىيىتىنىڭ 44 - رەئىسى بولۇپ، كېيىنچە ئانىسى ۋە ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەنىدى.

ئامېرىكىدا ئۇدا 45 يىلدىن بۇيان كۇتۇبخانىلاردا 15 تىلدا كىتاب تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

ئوسمانلى خاندانلىقى جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەگە قايتىش چەكلىمىسى 1974 – يىلى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئوسمان بەيازىد 1985 – يىلدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى تۈركىيەگە كېلەتتى.

2009 – يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان ئوسمان ئەرتۇغرۇل ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئوسمانلى خاندانلىقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغانىدى.

ئوسمان بەيازىدنىڭ مېيىت نامىزى نىيۇ يوركتىكى ئەييۇب سۇلتان جامەسىدە قىلىنغاندىن كېيىن، لوڭ ئايلاندىكى ئائىلە مازارلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر