قىرغىزىستان، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى

قىرغىزىستان يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، تۈركىيە بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

644713
قىرغىزىستان، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىستانبۇلدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ھۇجۇمچىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدىكى دەۋالار مەسىلىسىدە «قىرغىزىستان تەرەپ، دىپلوماتىك يوللار تەلەپ قىلىنغان تەقدىردە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى تەكشۈرۈشىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ھەمدەم بولۇشقا تەيياردۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 39 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 65 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر