ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەزەربەيجان تەۋەلىكىگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بىر تۈركۈم ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ئەزەرى ئەسكەرلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

640276
ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە مەنسۇپ بىر تۈركۈم كىشىنىڭ چېگرادىن سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى، ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

توقۇنۇشتا ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى، 1 ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يوقاپ كەتكەن ئەسكەرنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر