ھەلەبتىكى تۈركمەن مەھەللىلىرى تەل - تۆكۈس ۋەيران قىلىپ تاشلاندى

​​​​​​​سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ئالقىنىغا چۈشۈرگەن تۈركمەن مەھەللىلىرىگە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د ۋە ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنىڭ سېڭىپ كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

619924
ھەلەبتىكى تۈركمەن مەھەللىلىرى تەل - تۆكۈس ۋەيران قىلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەدىمىي تۈرك يۈرتلىرىدىن بىرسى بولغان ھەلەبتىكى بوستان پاشا، ھۈللۈك، ھايدىرىيە، شەيخ فارىس، شەيخ ھىدىر ۋە بائىدىن قاتارلىق تۈركمەن مەھەللىلىرى تەل - تۆكۈس ۋەيران قىلىپ تاشلاندى.

سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھەلەبتە 15 – نويابىردىن بۇيان دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بومباردىمانچىلىق ۋە پۇقرالارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ بىرسى يۈز بەرگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى  قىسىملىرى بىلەن ئىتتىىپاقداشلىرىنىڭ ھەلەبكە قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە زىت  ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە، ھەممىدىن بەك پۇقرالار ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان رايونلارنىڭ يەنىلا تۈركمەن رايونى ئىكەنلىكى، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئالقىنىغا چۈشۈرگەن تۈركمەن مەھەللىلىرىگە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د ۋە ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا مەسئۇل، «خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئىدارىسى»مۇ قورشاۋ ئاستىدىكى ھەلەب شەھىرىنىڭ شەرقىي رايونلىرىنى تەلتۆكۈس «ئاپەت رايونى» ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر