باكۇدا تۈرك فىلىملىرى ھەپتىلىكى باشلاندى

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا تۈرك فىلىملىرى ھەپتىلىكى  پائالىيەتلىرى باشلاندى.

615643
باكۇدا تۈرك فىلىملىرى ھەپتىلىكى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 27 – نويابىرغىچە داۋااملىشىدىغان پائالىيەتلەردە ئەزەربەيجانلىق كىنىو مەستانىلىرى، داڭلىق ئارتىسلار ۋە رېزىستورلار بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

تۈرك فىلىملىرى ھەپتىلىكىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئارتىسلار بىلەن رېزىستورلار ئەزەربەيجاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ھەيدەر ئېلىيېۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە باكۇدىكى تۈرك شېھىتگاھلىقىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

پائالىيەتلەر دائىرىسىدە باكۇدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇمۇ ئەزەربەيجانلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن يەرلىك چۈشەنچە جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەر داۋامىدا 5 فىلىم اماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر