بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش لىنىيەسىدە يۇقىرى قاراباغدىكى ئەرمەن كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشى نەتىجىسىدە 1 ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى.

611940
بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمەن كۈچلىرى تۈنۈگۈن (سەيشەنبە) بىر كۈن بويىچە ئۇرۇش توختىتىش لىنىيەسىدە 29 قېتىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى. رايوندا ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭمۇ ئىشلىتىلىشى بىلەن توقۇنۇشلار ئۇلغىيىپ كەتتى. ئىشغال ئاستىدىكى زېمىندىن ئېتىلغان ئوق بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، بۇ ھۇجۇمدىن ئىلگىرى ئەرمېنىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر