ئەزەربەيجاندا يۈسۈف خاس ھاجىپ ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي لىكسىيە يېغىنى چاقىرىلدى

قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ھەم بىر سىياسەتنامە، ھەم بىر نەسىھەتنامە ئىكەنلىكى، يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل ئەسىرىدە يالغۇز دۇنيانىڭ سائادىتىلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئاخىرەت سائادىتىنىڭمۇ ئەتراپلىق ئاڭلىتىلغانلىقى تەكىتلەندى.

603224
ئەزەربەيجاندا يۈسۈف خاس ھاجىپ ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي لىكسىيە يېغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ سەكى شەھىرىدە خەلقئارا يۈسۈف خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش ئىلمىي لىكسىيە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەزەربەيجان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت تەشكىلاتى، ئەھمەد يەسىۋى ئۇنىۋېرسىتېتى، سەكى ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئەزەربەيجان مىللىي كۈتۈبخانىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي لېكسىيە يىغىنىغا دۆلەت ئەرباپلىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساندا ئاكادېمىكلەر قاتناشتى.

ئەھمەد يەسىۋى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەۋەللى ھەيئىتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مۇسا يىلدىز ئېچىلىش نۇتىقىدا، يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ تۈرك دۇنياسىدا، تۈرك يۈكسەك ئەقلىنىڭ شەكىللىنىشىدە تارىخقا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئۇلۇغ زات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ھەم بىر سىياسەتنامە، ھەم بىر نەسىھەتنامە ئىكەنلىكىنى، يۇسۇف خاس ھاجىپ قالدۇرغان بۇ ئالەمشۇمۇل شاھ ئەسەردە يالغۇز دۇنيانىڭ سائادىتىلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئاخىرەت سائادىتىنىڭمۇ ئەتراپلىق ئاڭلىتىلغانلىقىنى تەكىتلەندى.

قۇتادغۇ بىلىكنىڭ يەنە ئىلىم – پەنگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەشتەك مۇھىم ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامنىڭ تۈنجى يوليۇرۇقى <ئوقۇ!> دېيىش بىلەن باشلانغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بارلىق سۆزلىرىدە ئىنسانلارنى ئىلىمگە رىغبەتلەندۈرگەن. يۈسۈف خاس ھاجىپمۇ ئۆز ئەسىرىدە بىلىمنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە بىلىم بىر مەشئەل ئىدى» دېدى.

پىروفېسسور دوكتور مۇسا يىلدىز: «تۈرك دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئىشلار، تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي كۈلتۈرىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر – بىرىگە تېخىمۇ بەك باغلىنىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. شۇڭا ئەۋلادلىرىمىزغا بۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىتىشىمىز ۋە تونۇتىشىمىز لازىم» دېگەنلەرنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى پىروفېسسور دوكتور فىرات پۇرتاسمۇ سۆزىدە، قىرغىستان، قازىاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى تۈرك دۇنياسىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنى تونۇتۇش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «شۇنى خۇشاللىق بىلەن ئېيتالايمىزكى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەلب بىرلىكى ۋە كۈلتۈر ئورتاقلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن گۈزەل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىۋاتىمىز. كۈلتۈر جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىز مۇقىم ھالدا داۋاملاشماقتا. بۇنىڭ باشقا ساھەلەردىمۇ تەرەققىي قىلغان ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.  

خەلقئارا يۈسۈف خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش ئىلمىي لىكسىيە يېغىنىدا يەنە ئەزەربەيجانلىق مەشھۇر يازغۇچى رامىز ئەسكەرنىڭ «قۇتادغۇ بىلىكنىڭ بىبلىيوگرافىيەسى» ناملىق كىتابى تونۇشتۇرۇلدى ۋە نۇرغۇن ساندا ئاتاقلىق ئاكادېمىكلەر قۇتادغۇ بىلىك ھەققىدە تەييارلاپ كەلگەن لېكسىيەلىرىنى سۆزلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر