ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئابدۇلقادىر ياپچاننى قوللىدى

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئابدۇلقادىر ياپچان ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

588796
ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئابدۇلقادىر ياپچاننى قوللىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ 2001 – يىلىدىن تارتىپ پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مۇھىم جامائەت ئەربابى ئىكەنلىكى ۋە بۇ قېتىم خىتاينىڭ بېسىمى تۈپەيلى ۋاقىتلىق قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە يوللانغانلىقىغا قارىتا ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتتىق قايغۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى چېكىدىن ئاشقان بېسىملىرىنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى تەرىپىدىن قاتتىق ئېچىنىش ئىچىدە تەقىپ قىلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ بولۇپمۇ چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكلىرى ئۈچۈن قانۇنلۇق پائالىيەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىنى «تېررورىست» دەپ قارىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ پىسخىئولوگىيەلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكى ۋە بۇنداق ئەيىبلەشلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھەق – ھوقۇق تەلەپلىرىنى باستۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

باياناتا يەنە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار شەخىسلىرىگە قارىتىلغان بۇ خىل قانۇنسىز ئەيىبلەشلەرگە ئېتىبار بەرمەسلىك لازىملىقى، مەسىلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇنداق نۇقتىلارغا ئېلىپ كېلىنىشى تۈركىيەنىڭ  ھەر دائىم ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلگەن دۆلەت سىياسىتىگمۇ زىت كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۆز باياناتىدا، ئابدۇلقادىر ياپچان ھەققىدىكى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئۆز مەدەنىيەت بايلىقىلىرىمىز ئاساسىدا غەرب دۇنياسىغا ئىنسانپەرۋەرلىكتىن دەرس ئۆتۈۋاتقان ئۇلۇغ دۆلىتىمىزنىڭ ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلماستىن، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا قوچاق ئېچىشتەك ئېسىل سىياسەتلىرى بىلەن ئىپتىخارلىنىمىز. مانا بۇ نۇقتىدىن دۆلىتىمىزدە تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە، قانۇنلۇق ھالدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى شۇنداقلا بۇ ھەققانىي دەۋانى قوللاۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئازابلىنىشقا ۋە ئۈمىتسىزلىككە گىرىپتار قىلماسلىق ئۈچۈن ئابدۇلقاردىر ياپچاننىڭ دەرھال، شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى ھەمدە پۇقرالىق ئىلتىماسىنىڭ تىزراق قوبۇل قىلىنىپ، تۈركىيە گەرەژدانلىقىغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر