دوكتور رىشات ئابباس«دورا تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكىگە نەزەر»تېمىلىق دوكلات سۇندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش ئۇنىۋېرسىتېتىدا «دورا تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكىگە نەزەر»تېمىلىق دوكلات سۇندى.

588029
دوكتور رىشات ئابباس«دورا تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكىگە نەزەر»تېمىلىق دوكلات  سۇندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئالىي تەتقىقاتچى دوكتور رىشات ئابباس  «دورا تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكىگە نەزەر»تېمىلىق دوكلات سۇندى.

تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى بولۇپ 200دەك ئادەم قاتناشتى.

ئىنگىلىز تىلىدا ئىلمىي دوكلات بەرگەن دوكتور رىشات ئابباستىن يىغىن  ئىشتىراكچىلىرى نۇرغۇن سوئال سورىدى. سوئاللارغا ناھايىتى ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى رىشات ئابباس،  يېڭى قۇرۇلغان بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ شارائىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ساغلام ھايات، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ۋە ئىلىم پەننىڭ تەرققىياتىغا تۆھپە قوشۇش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

رىشات ئابباس يىغىن ئاخىرىدا ئامېرىكىدا ئوقۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تەييارلاشقا تېگىشلىك پۇرسەتلەرنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن تاشقىرى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرۇلۇق قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس بورھان نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ تېببىي دورا تەتقىقات ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە خەلقئارادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان دورا تەتقىقات بىرلەشمە ئىدارىسى – Pfizer دە راك ۋە باشقا كېسەللەر دورا تەتقىقات تارمىقىنىڭ باش يېتەكچى (Lead Clinical Pharmacologist) تەتقىقاتچىسى ۋە كىلىنىكىلىق دورىگەرلىك Clinical Pharmacology تارمىقىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر