ئاتامبايېۋ ئىزمىردىكى بىر مېھمانخانىدا ئارام ئېلىشقا باشلىدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ تېببىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئىزمىردىكى بىر مېھمانخانىدا ئارام ئېلىشقا باشلىدى.

573693
ئاتامبايېۋ ئىزمىردىكى بىر مېھمانخانىدا ئارام ئېلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يوركتا چاقىرىلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشقا تەمشىلىۋاتقان ئەسنادا ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايدورۇرۇمىدا سالامەتلىكىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، ئامېرىكا زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسىدە دوختۇرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئارام ئېلىشقا باشلىدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ كۆكرىكىدە ئاغرىش پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن تېببىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى. يېرىم كېچىدە ئايروپىلان بىلەن ئىزمىرغا ئېلىپ بېرىلغان ئاتامبايېۋ، ئۇ يەردىن چەشمە ناھىيەسىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتى.

دوختۇرلارنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقان ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ئۈچۈن مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا بىر جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تەييار ھالەتتە تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر