خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەردوغان ئۆزبېكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى

20 – گ گۇرۇھى يىغىنى ئۈچۈن خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموۋنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

564354
خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەردوغان ئۆزبېكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئۆزبېكىستان پالاتاسىنىڭ باشلىقى نىمەتۇللاھ يولداشېۋ،. باش مىنىستىر شەۋكەت مىرزىيېۋا ۋە كېرىموۋنىڭ رەپىقىسى تاتيانا ئاقباروۋنا كېروموۋغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

تەزىيە تېلېگراممىسىدا تۈركىيە خەلقى نامىدىن ئۆزبېكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايونىدا ۋە خەلقئارادا مۇھىم بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇنبەرلەردىمۇ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر