ئەزەربەيجان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنى بىرمۇبىر ئېنىقلاپ چىقىدۇ

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى نوۋرۇز مەممەدوۋ، ئەزەربەيجاندىكى فەتھۇللاھچىلار ھەققىدە توختالدى.

556076
ئەزەربەيجان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنى بىرمۇبىر ئېنىقلاپ چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى نوۋرۇز مەممەدوۋ، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نوۋرۇز مەممەدوۋ مېدىيا مەنسۇپلىرىغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەدە 15 – ئىيۇلدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئەزەربەيجاندىمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پائالىيەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرنىڭ ئەزەربەيجاننى ھەرگىزمۇ تەۋرىتىپ قويالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەممەدوۋ، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يەردىكى تەرەپدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئېنىقلىنىدۇ. تەكشۈرۈشلەر، بۇ تەشكىلاتنىڭ بىۋاسىتە تەرەپدارلىرىدىن باشقا دۆلىتىمىزدىكى بەزى ئۆكتىچى ئورگانلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئەزەربەيجان دۆلىتىگە، ئۇنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئورۇنۇشلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ» دېدى.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، تۈركىيەدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئەزالىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىنىڭ رۇھىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر