ئەزەربەيجان تۈركىيەنىڭ ئازابىغا ئورتاق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، غازىئانتەپتە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.
556081
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خىتابەن يازغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا، غازىئانتەپتە توي مۇراسىمىدا سادىر قىلىنغان قورقۇنچ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئەزەربەيجاننى چوڭقۇر قايغۇغا سالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تېررورىزمنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى كەسكىن ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرۈش قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئەلىيېۋ، ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە تۈرك خەلقىگە ئەزەربەيجان خەلقى نامىدىن تەزىيە بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.