گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 3 تۈركمۇ بار
گېرمانىيەدە قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 9 كىشى ئارىسىدا 3 تۈركمۇ بار.
535877
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغان 9 كىشى ئارىسىدا 3 تۈركنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلغان، 3 ى ئېغىر 27 كىشى يارىلانغانىدى.
ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان تېگى ئىرانلىق 18 ياشلىق گېرمانىيە پۇقراسى ئىكەن، زوراۋان ھۇجۇمنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان بولۇپ، دائېش بىلەن چېتىشلىقى يوق ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.