ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر ئالىم

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر ئالىم غوجەخمەت سادۋاقاسوف.

528614
ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر ئالىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1980-يىللاردىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەتقىقاتنى كەڭ قانات يايدۇرغان. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، مەلۇم يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئىنستىتۇت تاقىلىپ، مەركەزگە ئۆزگەرگەن، نۆۋەتتە مەركەز ئىلگىرىكى تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئىنستىتۇت قۇرۇلغىنىغا 30 يىل بولغان. ئۇيغۇر ئالىم غوجەخمەت سادۋاقاسوف مەزكۇر ئىنىستىتۇت ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇن يىللار ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن ئالىم رابىك ئىسمائىلوفمۇ مەزكۇر مەركەزدە خىزمەت قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر