ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلىم – پەنگە قىزىقىدىغان ياشلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە كۈچىمەكتە.

520174
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يولۇققان ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك، ئەتراپلىق ۋە جانلىق بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە بىلىم ئادەملىرى بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىش ھەمدە تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا سۇنۇلغان تەتقىقات دوكلاتلىرى ۋەتەن ئىچى – سىرتىغا تارقىتىلدى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان 10 نەپەر دوكتور ۋە ماگېستىر ئوقوغۇچىسىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىشنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويمىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يۇقىرىقى خىزمەتلەرنى قىلغاندىن باشقا، يېقىندا ئۇيغۇر ۋە چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن تور كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلدى. ئاكادېميە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئېلىكىتاب ۋە ماقالىلەرنىڭ بارلىقىنى، كۇتۇپخانىنىڭ ئىزچىل ھالدا تولۇقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ياشلار مۇھىم كىتاب – ماقالىلەرنى ئىنتېرنېتتە ھەمبەھىرلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تور بەتلەرنىڭ تاقىلىشى ۋە كىتاب – ماقالىلەرنىڭ داۋاملىق ئۆچۈرۈلۈپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىزدىمەكچى بولغان ئەسەرلەرگە ئېرىشەلمەسلىكتەك قىيىنچىلىق بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقايسى ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ سانلىق ئامبىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەسەلەرگە ئېرىشىشمۇ قىيىن ئىدى. ئاكادېمىيە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ، تور كۇتۇپخانىسىدا ئېلان قىلىشنى باشلىدى» دېدى.

ئۇ دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خەلقنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ،  مىللىي ئاڭ – سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىكى مۇھىم كىتاب – ماقالىلەرنى ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى تور كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلىش، ماقالە - كىتابلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن www.akademiye.org, http://www.akademiye.org ئادرېسى ۋە ئىزدەش رامكىسىنىڭ ئاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىش - «ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسى» ئارقىلىق كىرگىلى، ھەمدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئېلكىتاب ۋە ماقالىلەرنى چۈشۈرگىلى بۇلىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر