«يىڭنە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى خىتايلارنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتى»

پىروفېسسور دوكتور جامال چەۋىك يىڭنە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ خىتايلارنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

518101
«يىڭنە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى خىتايلارنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  گازى ئۇنىۋېرسىتېتى يىڭنە بىلەن داۋالاش ئامبولاتۇرىيەسىنىڭ مەسئۇلى، قوشۇمچە ئەنقەرە يىڭنە بىلەن داۋالاش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور جامال چەۋىك تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى بالقان يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 9 – نۆۋەتلىك يىڭنە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا مۇنداق دېدى: «يىڭنە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان، كېيىنچە بۇنى خىتايلار ئۆگىنىپ، تەرەققىي قىلدۇرغان، ياپونلار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق زامانىۋى داۋالاش ئۇسۇلىغا، گېرمانلار لازېر ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرغان. بىز تۈركلەر بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ مىسلىسىز مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشقا باشلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن، يوقىتىپ قويغان مىراسىمىزنى قايتىدىن تېپىۋالغان بولدۇق. ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان يىڭنە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى مەخسۇس قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، دوختۇرلار بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، زامانىۋى داۋاللاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ساقايتقىلى بولمىغان كېسەللەرنى داۋالاشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. بىزنىڭ تەخمىنەن 1500 ئوقۇچىمىز مۇشۇ ساھەدە يېتىشىپ چىقتى. ھەر بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈلمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇسۇلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، زامانىۋى ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالىغىلى بولمىغان كېسەللەرنى، جۈملىدىن پالەچ كېسەللىكلىرىنى يىڭنە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر