ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە تاغلىق قاراباغ ئىلچىسىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا چاقىرىلدى
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسك گۇرۇپپىسى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى تاغلىق قاراباغ ئەلچىسىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا چاقىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرى رۇسىيە ئەلچىسى ئىگور پوپوۋ، ئامېرىكا ئەلچىسى جېيمز ۋارلىك ۋە فىرانسىيە ئەلچىسى پىئېررې ئاندىرو قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئەلچى ئاندىرزېج كاسپىرزىكنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا، ھەمدە ۋىيانا ۋە سېين پېتېرسبۇرگ ئەھدىنامىلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.