ئەزەربەيجان زور كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

ئەزەربەيجان باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھەربىي مانىۋېرى 23 – ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ.

513784
ئەزەربەيجان زور كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرى لېيتېنانت گېنېرال زاكىر ھاسانوۋنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانىۋېرلارغا 25 مىڭ ئەسكەر، 300 دىن ئارتۇق تانكا ۋە بىرونىۋىك، 100 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك سىستېمىسى، 40 ھەربىي ئايروپىلان ۋە 30 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن باشقا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ئالاھىدە قىسىملارمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

مانىۋېرلار ناھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە، ھەربىي سۈركىلىش رايونلىرىغا يېقىن جايلاردا ۋە ھازار دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇلاردىن سىرت مانىۋېرلار جەريانىدا ئەسكەرلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى، ئارقا سەپ ۋە باشقا ۋەزىپىلىرىمۇ تەكشۈرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر