ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر ئالىم ۋە دۆلەت ئەربابى

ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر ئالىم ۋە يېگانە دۆلەت ئەربابى غەزنەلىك مەھمۇد.

509002
ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر ئالىم  ۋە دۆلەت ئەربابى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا تارىخىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن تۈرك تارىخىنىڭ يەنە بىر مۇھىم چولپىنى بار بولۇپ، ئىسمى غەزنەلىك مەھمۇد ئىدى. 971 – يىلى 2 – نويابىر كۈنى بۇخارادا تۇغۇلغان، بىراق «غەزنە» بىلەن ھىندىستان تېررېتورىيەسىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن «غەزنەلىك» دەپ ئاتالغان. ئاتىسى غەزنە دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سەبۇك تەگىننىڭ ئوغلىدۇر. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، غەزنەلىك مەھمۇد كىچىكىدىن باشلاپلا شاھزادىلەرنى تەربىيەلەش پىرىپسىپلىرىغا ماس ھالدا يېتىشكەن.

مەھمۇد كىچىك ۋاقتىدا شاھزادىلەرنى تەربىيەلەش مۇساپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىغان، دىنىي بىلىملەردە كامالىغا يەتكەن. ئاتىسى سەبۇك تەگىن يازغان «نەسىھەتنامە» بويىچە يېتىشتۈرۈلگەن. دۆلەتنى بۇ كىتابتىكى ئادىل ۋە كېڭەش پىرىپسىپلىرىغا ئاساسەن باشقۇرغان. شاھزادىلىكى دەۋرىدە خوراسان ۋە ئىران رايونىدا «پادىشاھ» ئۇنۋانى بىلەن ۋالىيلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت باشقۇرۇش مۇساپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بېسىپ ئۆتۈپ، مۇھىم تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئىگە بولغان.

مەھمۇد ياشلىق دەۋرىدىلا دادىسى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان ئۇرۇشلاردا جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەت بابىدا داڭ چىقارغان. بىر مەزگىل پىتنە – پاساتلار سەۋەبىدىن دادىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ قېلىپ، غەزنە قەلئەسىگە قامالغانىدى. سەبۇك تەگىن ۋاپات بولغان چاغدا، ئوغلى ئىسمائىلنىڭ تەختكە چىقىشىنى ۋەسىيەت قىلغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئىسمائىل ھۆكۈمدار ئېلان قىلىندى. بىراق خۇراسان شاھى مەھمۇد ئىسمائىلنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. قېرىندىشى ناسىر بىلەن تاغىسى بۇغراجۇكنى يېنىغا تارتتى. ئىككى قېرىنداشنىڭ قوشۇنلىرى 998 – يىلى بىر - بىرىگە قارشى جەڭگە چۈشتى. مەھمۇد ئىسمائىلنىڭ قوشۇنىنى يېڭىپ، غەزنە دۆلىتىنىڭ تەختىگە چىقتى.

 غەزنەلىك مەھمۇد تۈرك تارىخىدىكى تۇنجى «سۇلتان» دەپ ئاتالغان ھۆكۈمدار بولۇپ، ھىندىستانغا ئۇدا 17 قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلغان. بۇ جەرياندا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە بۇتلىرىنى قولغا كىرگۈزگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا «ھىندىستاننىڭ پەتھى قىلغۇچىسى» لەقىمى ۋە «غازى» ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە نەتىجىلىرى ئېتىبارى بىلەن ئەڭ چوڭى دېيىشكە بولىدىغان ھەربىي يۈرۈشى 16 – قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشىدۇر. بۇ يۈرۈش جەريانىدا  ھىندىستاننىڭ غەربىي ساھىلىغا جايلاشقان كاتىئاۋار يېرىم ئارىلىدىكى سۇمنات شەھىرىنى پەتھى قىلغان. بۇ شەھەردىكى ھىندى بۇتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى دەپ ئاتالغان «مۇبات سىۋا» نى ۋە ئىبادەتخانىدىكى بۇتلارنى چېقىۋەتكەن. شۇڭا ئۇنىڭغا «بۇتلارنى چاققۇچى» دەپ لەقەم قويۇلغان. «مۇبات سىۋا» ئىسىملىك بۇت پارچىلانغاندىن كېيىن ئىبرەت بولۇشى ئۈچۈن ھەرقايسى جايلارغا ئەۋەتىلگەن. پارچىلاردىن بىرى غەزنە ئۇلۇغ جامەسىنىڭ ئالدىغا، ئىككىنچىسى غەزنە دۆلىتى سارىيىنىڭ ئالدىغا، ئۈچىنچى بىلەن تۆتىنچى پارچىلىرى بولسا مەدىنە ۋە مەككىگە ئەۋەتىلگەن.

سۇلتان مەھمۇد 1030 – يىلى 30 – فېۋرال كۈنى غەزنەدە ۋاپات بولغانغا قەدەر تىنىم تاپماستىن خىزمەت ئىشلەپ، غەزنە دۆلىتىنى شۇ دەۋردىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەگە ئايلاندۇرغان. دۆلەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى تالانتى، سىياسىي قابىلىيىتى ۋە مىسلىسىز پەتھى قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆزگىچە دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان سۇلتان مەھمۇد ھاياتىنىڭ كۆپ  قىسمىنى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزگەن. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، غەزنە دۆلىتىنىڭ تېررېتورىيەسى غەربتە ئەزەربەيجانغا، شەرقتە ھىندىستاننىڭ ئۈستۈن گەنج ۋادىسىغا، شىمالدا خارەزمغا، جەنۇبتا ھىندى ئوكيانغا تۇتىشاتتى. ئۇ دىندار، ئەقىل – پاراسەتلىك، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، ئېھتىياتچان ۋە ئادىل ھۆكۈمدار ئىدى.

 

ئالىملارنى ھىمايە قىلىدىغان سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئىمام شافىي بىلەن ئىمام ھەنەفىينىڭ ھۇزۇرىدا مۇنازىرەلەشكەنلىكى بىلىنىدۇ. ئالىملارغا بولغان ھۆرمىتى، ئادالىتى ۋە دۆلەت باشقۇرۇشتىكى ماھارىتى بىلەن ھەم ئۆز دەۋرىدىكى ھەم ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى شائىرلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان، شۇ دەۋرىدە يېزىلغان ئەسەرلەردە ئادالەت ۋە ئىنساپنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئاتالغان. فىردەۋسى، ئۇنسۇرى، فەررۇھۇ سىستانى ۋە ئەسجەدى قاتارلىق شائىرلار ئۇنىڭ ئېھسانلىرىغا نائىل بولغان. شۇ دەۋرىنىڭ تارىخچىسى ئەلئۇتبى «تارىخىي يەمىنى» ناملىق ئەسىرىنى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ يازغان. بۇ مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر باشقا تىللارغا تولۇق تەرجىمە قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى پاساھەتلىك تىل بىلەن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، تارىخىي كىتاب بولۇشتىن سىرت يەنە، مەشھۇر ئەدەبىيات ئەسىرى دەپ قارالغان.

ئاتاقلىق ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ئالىمى بىرۇنى ئۇزۇن مۇددەت غەزنە دۆلىتى سارىيىدا تۇرغان ۋە بۇ جەرياندا «كىتابۇت تەھقىقۇ مالىل ھىند» ناملىق ئەسىرىنى يازغان. بىرۇنى سۇلتان مەھمۇد ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنى «ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر ئالىم  ۋە يېگانە دۆلەت ئەربابى غەزنەلىك مەھمۇد» دەپ تەرىپلىگەن.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر