بېيجىڭ: مەقسەت دىنىي ئەركىنلىككە ئەمەس تېررورىزمغا زەربە بېرىش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بولغان دىققىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، شۇنداقلا تېررورىزمغا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

506701
بېيجىڭ: مەقسەت دىنىي ئەركىنلىككە ئەمەس تېررورىزمغا زەربە بېرىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  2– ئىيۇن «ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يولغا قويۇلغان دىنىي چەكلىمىلەر توغرىسىدا «تېررورىزمغا زەربە بېرىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە،  «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېڭى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى نەچچە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەردىن كېيىن تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئەجەپلىنەرلىك. ئامېرىكادىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئېيتقاندەك،  بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان زەربە بېرىش دولقۇنىنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى، يۈزلەرچە ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى، بەزىلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلەندى» دېيىلدى.

خەۋەردە، ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلاردا چىقىرىلغان بەزى ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشچە، ھۆكۈمەت كىشىلەرنىڭ ساقال ۋە چۈمبەلگە قارىتا زەربە بېرىشنىمۇ يولغا قويغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورىزم ھەرىكەتلىرىنى سىرتتىكى تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ ئېلان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق يېڭى سىياسىتىدە، ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كەڭ دىنىي ئەركىنلىك بېرىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى،  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىننىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ بۇلۇش جەريانىنى بايان قىلغاندا، «ئەزەلدىن كەمسىتىلىشكە ئۇچرىمىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقى ۋە 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىش چەكلىمىسى ئۈستىدە توختالغاندا، «جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» دەپ بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

كىشىلىك ھۇقۇق كۆزەتكۈچىسى مايا ۋاڭ ئەپەندىنىڭ: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقى ئىنىق ئەمەس، ئەمەليەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي ئەركىنلىك بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر