ئەزەربەيجان تۈركىيەگە سەۋر تىلىدى

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئىستانبۇل تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، ئەزەربەيجاننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن چوڭقۇر قايغۇغا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈردى.

505903
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە سەۋر تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تېلېگراممىسىدا، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پۈتكۈل ئەزەربەيجاننى چوڭقۇر قايغۇغا سالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ، تېرورلۇقنىڭ ھەر قاندىقىغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزى ۋە پۈتۈن ئەزەربەيجان خەلقى نامىدىن تۈركىيەگە سەۋر تىلىدى.  

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، تېررورلۇق ھۇجۇمى قاتتىق ئەيىبلەندى ۋە تۈرك خەلقىگە سەۋر تىلەكلىرى يەتكۈزۈلدى.

باياناتتا، ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر