پاتىگۇل غولام ئانىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ باشچىلىقىدا غەرب ئەللىرى ۋە ياۋروپادا باشلانغان سەپەرۋەرلىك، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئاكادېمىكلار ۋە تونۇلغان جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

501758
پاتىگۇل غولام ئانىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاتىگۇل غولام ئانىنىڭ 2016 – يىلى 27 – ماي كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر ھەر قايسى تور گېزىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى. خەۋەرلەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:
2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا 17 ياشلىق ئوغلى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان پاتىگۇل غولام ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنۇپ ئوغلىنى تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ جەرياندا، ئۇ چەت ئەل ئاخباراتچىلىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەرز - شىكايىتىنى ئاڭلاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي دائىرىلىرى 2014 – يىلى «چەت ئەل ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن پاتىگۇل غولامنى قولغا ئالدى. بۇنىڭغا قارىتا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ھەر قايسى مىللەتلەردىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى پاتىگۇل ئانىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى باشلىغان ئىدى. بولۇپمۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ژۇرنالىستلىرىنىڭ باشچىلىقىدا غەرب ئەللىرى ۋە ياۋروپادا باشلانغان سەپەرۋەرلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان ئاكادېمىكلار ۋە تونۇلغان جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان شۇنداقلا سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە ئاۋاز قوشۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. 
مەلۇم بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى  2016 – يىلى 27 – ماي كۈنى پاتىگۇل غولام ئانىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئىجتىمتائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۆز ھېسسىياتىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:

«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بارلىق قېرىنداشلار! ئاللاھقا مىڭ قەترە شۈكۈرلەر بولسۇنكى، پاتىگۇل غولام ئانا 27 - ماي كۈنى قويۇپ بېرىلدى. بۇ خۇش خەۋەرنى سىزلەرگە يەتكۈزگىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن. پاتىگۇل غولام ئانا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نامىدىن، پاتىگۇل غولام ئانىنىڭ دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا كۈچ چىقارغان ۋە ئاۋاز قوشقان، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغان ئادالەتپەرۋەر، جىگەرلىك قىز ۋە ئوغلانلىرىمىزغا، بارلىق مېھرىبان ئىنسانپەرۋەر دوستلىرىمىزغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى بولسۇن» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتتى. 
بۇ خۇش خەۋەر ھەر قايسى تور گېزىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى، پاتىگۇل ئانىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئوغلىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر