ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 98 – يىللىقى تەبرىكلەندى

ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 98 – يىللىقى ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەت ئارقىلىق تەبرىكلەندى.

499343
ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 98 – يىللىقى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىياپەتكە چەت ئەل  ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيەگە ۋەكالىتەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر تۇغرۇل تۈركەش، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، قاتناش مىنىستىرى ئەھمەد ئارسلان قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. تۇغرۇل تۈركەش تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ئاينىڭ باشلىرىدا ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ ئۈستۈن قاراباغ ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى ۋە ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشلارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تۈركىيەنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. جۈملىدىن دۆلىتىمىزنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىراداىسى قەتئىي. تۈركىيە خەلقى ياخشى كۈنلەردىمۇ، يامان كۈنلەردىمۇ ھەمىشە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى باغرىغا بېسىپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەڭگۈ شۇنداق قىلىدۇ.» ئەھمەد ئارسلان باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولىنىڭ يېڭى يىلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» ئېڭىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىنتايىن مۇستەھكەملىگەن ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پىلان بويىچە باكۇ – تىفلىس - قارس تۆمۈر يولى لايىھەسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى تاماملىنىدۇ، تۆمۈر يولى 2017 – يىلنىڭ باشلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ لايىھە سودا – ئىقتىساد جەھەتتىن دوستلۇقىمىزنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»

نۇتۇقلاردىن كېيىن «مىللىي بايرام» تورتى تارقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر