ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخ تەتقىقاتى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 23– ئاپرېل ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرستېتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك لېكسىيە يىغىنى ئورۇنلاشتۇردى.

477975
ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخ تەتقىقاتى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەر خىل تېمىلاردا ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھە ۋە ئوخشىمىغان تېمىلاردا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچى، بىلىم ئادەملىرىنىڭ نەتىجە ۋە ئۇتۇقلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنى؛ بۇ ئارقىلىق يېڭى بىلىم ئادەملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ مەقسەتتە 23 – ئاپرېل ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا خىزمەت قىلغان ۋە «بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى قۇربان ۋەلى ئەپەندىنى لېكسىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

لېكسىيەگە، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەردىن بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئالدى بىلەن، ئۆزىنى بۇ پۇرسەتكە ئىگە قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە ۋە لېكسىيەسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇ ھازىر قىلىۋاتقان تەتقىقاتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا يىللاردىن بېرى توختاپ قالغان ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيەسى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىنى قايتىدىن باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «يەتتە چوڭ كەشپىيات» ى ئۈستىدە ئەسەر يازغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ئۇ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئۈستىدە توختالغاندا، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى 1924 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى ۋە گىرامماتىكىسىنى ئاساس قىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا مۇئەييەن سىياسىي مەقسەت ۋە غەرەزلىرىنى سىڭدۈرگەن. كېيىنكى يىللاردىمۇ سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن داۋام قىلغان بىر قانچە قېتىملىق ئىملا تۈزۈش ۋە يېزىق ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى ۋە يېزىقى ئاغزاكى تىلنى توغرا ئىپادىلىيەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدە ئۈزۈك تاۋۇشلاردىنمۇ بوغۇم تۈزۈلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزگەن گىرامماتىكا قائىدىلىرىدە بۇ قائىدە يوق قىلىۋېتىلدى.   مەسىلەن، تل – تىل ئەمەس، دل – دىل ئەمەس، بر– بىر ئەمەس.»

ئۇ ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلارنى يېزىقتا ئىپادىلەش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىشنى ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ سەمىگە سالدى.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى لېكسىيەنىڭ ئىككىنچى تېمىسىدا، ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيەسى ۋە تارىخ تەتقىقاتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ 1862 – يىلىدىن باشلاپ ياۋروپادىن  ئۇيغۇر ئېلىگە ئارخېئولوگلارنىڭ كېلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بىر قانچە نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئارخېئولوگلار كېلىشىم بويىچە كەلگەن. ئۇلار ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك  تاپقان ئاسارە – ئەتىقىلەرنى ئوغرىلاپ كەتمىگەن. بەلكى شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ سېتىۋالغان. بۇنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرى بار. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان 36 شەھەر دۆلىتىنىڭ ئىزلىرىنى تەتقىق قىلغان. 1934 – يىلى بىرىنچى كرورەن گۈزىلىنى شىۋېتسىيەلىك بېرىكمان تاپقان. 1979 – يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدىكىلەر بېرىكمان ئاخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جايلارنى قېزىپ، دۇنياغا داڭقى چىققان ئىككىنچى كرورەن گۈزىلىنىڭ مۇمىياسىنى تاپقان. بۇ كرورەن گۈزىلىنىڭ ياشىغان مەزگىلى بىرىنچى قېتىملىق   تەكشۈرۈشتە 6400 يىل بۇرۇن دەپ بېكىتىلىپ، خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. كرورەن گۈزىلى بىلەن بىرلىكتە، بۇغداي، ئۆتۈك ۋە توقۇلما كىيىملەرمۇ تېپىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىخى 6400 يىل دەپ بېكىتىلگەن. مەن ھازىرمۇ بۇلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىمدا ئاشۇ 6400 يىل دەپ بېكىتىلگەن ھۆكۈمدىن پايدىلىنىۋاتىمەن. كرورەن گۈزىلىنىڭ DNA سى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، كرورەن گۈزىلىنىڭ قان تىپى تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش، يەنە ئىسكاندىناۋىيە ئاراللىرىدا ياشايدىغان خەلقلەر بىلەنمۇ ئوخشاش، تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ قان تىپى بۇ قان تىپىغا يېقىن، دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان.»

تەتقىقاتچى قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ لېكسىيەسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىختىيارى سوئال سوراش ۋە ئەركىن مۇنازىرلىشىشقا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىلدى. ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، تەر ئاققۇزغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنى قەدىرلەشنىڭ ئۇيغۇرغا مەنسۇپ ھەممە كىشىنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئاكادېمىيەنىڭ بۇ قېتىملىق لېكسىيەنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر