بان كىمۇن ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

477202
بان كىمۇن ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ilham aliyev

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋگە 25-، 26- ئاپرېل كۈنلىرى باكۇدا چاقىرىلىدىغان ب د ت مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 7-نۆۋەتلىك يەرشارى مۇنبىرىغا ئىشتىراك قىلالمايدىغان بولۇشىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلىدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋمۇ بان كىمۇنغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئەزەربەيجان بىلەن ب د ت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقتىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارىسىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر