ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە نىشانلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدىكى ئەرمېنىيە نىشانلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەن بىرگە يېڭى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئەرمەن كۈچلىرىگە زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ زەمبىرەك ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئەرمەن ئەسكىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، بىر قىسىم ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «دۈشمەننىڭ بارلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا ۋە ئاھالىلەر رايونلىرىغا ئوق چىقىرىشىغا دەل ۋاقتىدا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى ئاگاھلاندۇرىمىز. ئەكسىچە بولغاندا، دۈشمەننىڭ ئاغدەرە، ماگادىس، تالىش ۋە باشقا رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي قىسىملىرى توپقا تۇتۇپ يوقىتىپ تاشلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.