تايلاندىكى ئىككى ئۇيغۇر سوتلاندى

ئۆتكەن يىلى 8- ئايدا باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارلىرى دەپ قولغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر سەيشەنبە كۈنى (يەنى بۈگۈن) باڭكوكتىكى بىر ھەربىي سوتتا سوتلاندى.

433629
تايلاندىكى ئىككى ئۇيغۇر سوتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئادەم قاراداغ (بىلال مۇھەممەد) ئىسىملىك گۇماندار ئادۋوكاتى ئارقىلىق تايلاند ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى قىيىن – قىستاققا ئېلىپ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، كۆزەتكۈچىلەر جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق - يورۇق بولۇشقا چاقىرغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئادەم قاراداغ بىلەن مىرەلى يۈسۈف ئىسىملىك 2 ئۇيغۇر پارتلىتىش ھۇجۇمى پىلانلاش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق 10 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىرلارنىڭ سوت زالىغا كىرىپ، سوت ئەھۋالىنى كۆزىتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما تېلېفون ۋە قەغەز - قەلەم قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپ، خاتىرىلىشىگە يول قويۇلمىغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سوتنىڭ رەسىمىي باشلانغان ياكى باشلانمىغانلىقىنى سىرتقا ئېلان قىلمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر