ئەنقەرە بۈگۈن زىيا سەمەدىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

ئەنقەرە بۈگۈن ئۇيغۇرزىيالىسى زىيا سەمىدىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا ساھىبىخانلىق قىلىدۇ.

138050
ئەنقەرە بۈگۈن زىيا سەمەدىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە بۈگۈن ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچى زىيا سەمەدى تەۋەللۇتىنىڭ 100- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.
خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى–تۈركسوي، قازاقىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، ياۋو – ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى ۋە قازاقىستان يازغۇچىلار بىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن يازغۇچى زىيا سەمەدى تەۋەللۇتىنىڭ 100- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا مەزكۇر ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن سىرت تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زىيا سەمەدى، ئەسەرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان يازغۇچىلار، ئىلىم ئەھلىلىرى، تەتقىقاتچىلار، شۇنداقلا زىيا سەمەدىنىڭ قازاقىستاندا ياشايدىغان ئوغلى بىلەن قىزىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.
خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى - تۈركسوينىڭ زىيا سەمەدى تەۋەللۇتىنىڭ 100- ييللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل خادىمى مالىك ئوتاربايېۋ رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، زىيا سەمەدىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆزبېك، قازاق، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدىكى رومان، پوۋېست، كومېدىيەلىرى ئارقىلىق بەلگىلىك تەسىر ياراتقان بىر زاتنى خاتىرىلەشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئوتاربايېۋ، يىغىننىڭ زىيا سەمەدىنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر قىسقا فىلىمنى قويۇش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى، يىغىندا زىيا سەمەدىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىلمىي ئىزدىنىشلەرنىڭ ئوقۇپ ئۆتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر