تۈركمەنلەرگە بىردىن بىر ياردەم تۈركىيەدىن كەلمەكتە

ئەلى مەھدى ئىراقتىكى تۈركمەن كۆچمەنلەرگە ئىنسانپەرۋەر ياردەم قىلغان بىردىن بىر دۆلەت تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

137175
تۈركمەنلەرگە بىردىن بىر ياردەم تۈركىيەدىن كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى خەۋىرى: تۈركمەنلەرگە بىردىن بىر ياردەم تۈركىيەدىن كەلمەكتە.
ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى فىرونتى باياناتچىسى ئەلى مەھدى، ئىراقتىكى تۈركمەن كۆچمەنلەرگە ئىنسانپەرۋەر ياردەم قىلغان بىردىن بىر دۆلەت تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەلى مەھدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شۇنچە نۇرغۇن ماددىي ئىكانىيەتلەرگە ئىگە تۇرۇغلۇق ئىراقتا ھېچ قانداق مۇساپىرلار لاگىرى قۇرمىغانلىقىغا قاتتىق ئىچىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار لاگىرى قۇرۇش ئۈچۈن 5 مىليارد دوللار ياردەم توپلىدى ھەمدە بۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس يەر بەلگىلەپ بېرىلدى. بىراق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شۇنداقتىمۇ ھېچ ئىش قىلمىدى» دېدى.
ئەلى مەھدى ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 400 مىڭدىن ئارتۇق تۈركمەننىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ يارىدىمى بىلەن كەركۇكقا يېقىن جايلارغا كۆچمەنلەر ئۈچۈن لاگىر قۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، لاگىردا ھەر بىرسى 3 ئائىلىگە يەتكۈدەك 600 چېدىر بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلى مەھدى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لاگىردىكى ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلارنى قامداۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان لاگىرغا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆچمەنلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر